- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساھەلەر 28 مىڭدىن كۆپرەك ئىختىساس ئىگىسىگە جىددى ئېھتىياجلىق
2017.04.07 16:19 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر ساھە، ھەر دەرىجىلىك ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى 28 مىڭ 137 ئىختىساس ئىگىسىگە جىددى ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپ، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت، ئائىلە مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇلازىمەت كەسىپلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرى ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق ئىكەن.
ئەمەلىي تىپلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە زۆرۈر بولۇۋاتقان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللاشتا ياشلىشىشقا يۈزلەنگەن، 35 ياشتىن تۆۋەن زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق خادىملار 26 مىڭ 944 بولۇپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ % 95.7نى ئىگىلىگەن. 25 ياشتىن تۆۋەن زۆرۈر ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىق خادىملار نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 15 مىڭ 470 كىشى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر