باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى

_ خەلقئارا جامائەت پىكرى جۇڭگو- ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا ئىجابىي باھا بەردى

2017.04.10 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى مارئالاگو قۇرۇقىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملق ئۇچرىشىشىغا مەركەزلەشتى، خەلقئارا جامائەت پىكرى بۇ قېتىملىققا ئۇچرىشىشقا ئىجابىي باھا بېرىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ كۈنتەرتىپى ئىخچام، مول نەتىجىلىك بولدى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى، ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىجابىي ئاساسىي مۇقامنى مۇستەھكەملىدى،كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرستىپ بەردى، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  « مېھماننى ئۆيگە تەكلىپ قىلىش بىر خىل ھۆرمەت»

  « مەيلى ئامېرىكا ياكى جۇڭگودا بولسۇن، مېھماننى ئۆيگە تەكلىپ قىلىش مېھمان ئۈچۈن بىر خىل ھۆرمەت.» گېرمانىيە «فرانكفورت مەلۇماتلىرى گېزىتى»دە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنى مارئالاگو قۇرۇقىغا تەكلىپ قىلىش، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ «دوستانىلىقتىن بەرگەن بىشارىتى». ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى«پالما ساھىلى گېزىتى» بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنى ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلدى، ترامپنىڭ قىز ۋە ئوغۇل نەۋرىسىنىڭ خەنزۇچە ناخشا ئېيتىپ، تاڭ شېئىرلىرىنى يادلاپ بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا خۇددى «ئۆيدىكىدەك تۇيغۇ» بەردى، دەپ قارىدى.

  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتىنى باشتىن ئاخىر ئىزقوغلاپ خەۋەر قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئىخچام، مول نەتىجىلىك بولدى، ئىككەيلەن تولىمۇ كۆڭۈللۈك شەخسىي مۇناسىۋەت ئورناتتى،دەپ قارىدى. گېرمانىيە«سودا گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى:ترامپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن «تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە ناھايىتى ئوبدان سۆھبەتلەشتۇق»، ئىسىل دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، دەپ قارىدى. «ئاۋىستىرالىيەلىكلەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «ترامپ رەئىس شى جىنپىڭنى بىلەن كۆرۈشكەندە، چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ، تولىمۇ قىزغىن بولدى».

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە، ترامپنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا دىققەت قىلىنغان ھەم ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تېلىرسېننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ:«ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى تولىمۇ كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى، قارىشىمىزچە بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى بەك ياخشى بولدى.»

  «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تور بېكىتىنىڭ 7- ئاپرېل ئېلان قىلغان ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ترامپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن «ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق». خەۋەردە يەنە ترامپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرىدۇ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى جەزمەن ياخشى راۋاجلىنىدۇ.

  ئامېرىكا «بوستون گۇلۇبۇسى گېزىتى»دە مۇنداق دەپ قارالدى: ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كەڭ دائىرىدە سۆزلەشتى، ياخشى شەخسىي مۇناسىۋەت ئورناتتى. «بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش بىلەن بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ، بىراق ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ كېڭىشىپ تۇرۇشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر