- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل 16 چوڭ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
2017.04.10 15:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا چوڭ تۈر بويىچە تەربىيەلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىپ، چوڭ تۈر بويىچە تەربىيەلەشنىڭ باش پىروفېسسورلىرىنى تەكلىپ قىلدى ۋە تۇنجى قېتىملىق باش پىروفېسسورلار يىغىنى ئاچتى، بۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق چوڭ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل چوڭ تۈر بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش-باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 16 چوڭ تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى تەربىيەلەيدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر «چوڭ تۈر بويىچە تەربىيەلەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» قۇردى، مەكتەپ مۇدىرى چيۇ يۇڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولدى.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرۇس بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بارلىق كەسپى بىرلەشتۈرۈلۈپ 16 چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ، ماتېماتىكىلىق تۈر، خىمىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك تۈر، ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەن تۈرى، ماشىنىسازلىق، ئاۋىياتسىيە ۋە ئېنېرگىيە تۈرى، مۇھىت، خىمىيە-سانائىتى ۋە يېڭى ماتېرىيال تۈرى، كومپيۇتېر تۈرى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ۋە باشقۇرۇش تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قانچە ئىنستىتۇت مۇستەقىل تۈر تەسىس قىلغاندىن باشقا، كۆپىنچە ئىنستىتۇتلارنىڭ كەسپى بىرلەشتۈرۈلۈپ، قايتا تەشكىللىنىدۇ، بەزى ئىنستىتۇتلارنىڭ كەسپى تېخى ئوخشىمايدىغان چوڭ تۈرلەرگە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر بىر چوڭ تۈرگە بىر باش پىروفېسسور بېكىتىلدى، باش پىروفېسسورلار دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار. چيۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: چوڭ تۈر بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇش جەريانى مۇرەككەپ، لېكىن باھالاش ئۆلچىمى ئاددىي ۋە ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ 1-يىللىقىدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي مائارىپ ساپاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تەرەققىياتىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان كەسىپ تاللىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش؛ ئومۇمىي مائارىپ بىلەن كەسپىي مائارىپنىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشتىن ئىبارەت.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر