خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ماھىرى ئادامس (ئارقا رەت سول تەرەپتىكى) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، ئەڭ قىممىتى بار توپچى مۇكاپات لوڭقىسىنى كۆتۈردى، قىرانبەگ (ئوتتۇرىدا) ۋە لى گېن چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئورتاق كۆتۈرۈپ، توپ مەستانىلىرىغا نامايان قىلدى.
شۇ كۈنى، قارشى تەرەپ مەيدانىدا 2016- 2017- يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA)نىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، نەچچە يۈز توپ مەستانىسى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ، كوماندىنىڭ شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى