باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك

2017.04.10 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ يىجېن 7-ئاپرېل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەن سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: « نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى پىكىر» پات ئارىدا چىقىرىلىدۇ، پىكىردە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئارتۇق كارخانىلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  جاڭ يىجېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغانلار 7 مىليون 950مىڭغا يېتىدۇ، بۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 300مىڭ كۆپ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا سىياسەت جەھەتتىن كارخانىلارغا ئوخشاش مەدەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىراكتىكا تولۇقلىمىسى ئىشلىتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن پىكىردە چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان خادىملارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، چەتئەلدە ئوقۇغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئالاھىدە تەلەپ قىلىندى.

  جاڭ يىجېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىنقى ئىستراتېگيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى تەرەققىياتىنى قوللاش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ياخشى تۇتۇش، مائارىپ جەھەتتە تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش، تەشكىللەپ، يولغا قويۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر