خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىرنىڭ شىمالى قىسمىدىكى شەھەر تانتا ۋە ئالېكساندىرىيەدە 9-ئاپرىل چېركاۋغا قارىتىلغان ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 43 ئادەم قازا قىلغان، 100 نەچچە كىشى يارىلانغان. نۇرغۇن دۆلەت ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.
ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئاماك ئاگېنتلىقى ئارقىلىق شۇ كۈندىكى ئىككى قېتىملىق چېركاۋنى پارتلىتىش ھۇجۇمى ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2016-يىلى 12-ئايدا قاھىرەدىكى ئابباسىيە رايونىغا جايلاشقان بىر كوپتىك چېركاۋى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 92 كىشى قازا قىلغان. «ئىسلام دۆلىتى» ئۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى