باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ غەربىي رايون پىلانىغا شىنجاڭدا مەخسۇس قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2017.04.10 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىغا شىنجاڭدا مەخسۇس قوبۇل قىلىش خىزمىتى تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇنىڭغا قىزىقىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ غەربىي رايونغا ۋە شىنجاڭغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ غەربىي رايون پىلانى 2003- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان، غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەت مەزمۇنى ئاساسلىقى مائارىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى، داۋالاش-سەھىيە، ياشلار خىزمىتى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىجتىمائىي باشقۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇلازىمەت رايونى قىلىنىپ، مۇلازىمەت مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ.بۇ قېتىمقى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2017- يىلى 5- ئايدا ئاخىرلىشىدۇ. غەربىي رايون پىلانىغا قاتناشقىسى بار ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار غەربىي رايون پىلانى تور بېكىتى (xibu.youth.cn)غا چىقىپ تىزىملاتسا بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلىنى توردىن چۈشۈرۈپ، تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئىتتىپاق كومىتېتىغا تاپشۇرىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ غەربىي رايون پىلانى شىنجاڭ تۈر باشقۇرۇش ئىشخانىسى

  ئالاقىلىشىش تېلېفونى:0991-2817084 817090

  E-mail: xjwestvolunteer@126.com

  شىنجاڭ پىدائىيلار تورى: www.xjzyz.org

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر