- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە قويدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى
2017.04.10 14:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن يۇقىرىقى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە قويدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى.
بىرىنچى، يۈ جيەنخۇانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىللىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جاڭ شياڭچېڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى، قوشۇمچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، ۋاڭ خۇانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۋېنىيە بىسسائۇدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛ جىن خۇڭجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۋېنىيە بىسسائۇدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تەيىنلەنگەن تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر