باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى تايلاند مەلىكىسى سىرىن دورىن بىلەن كۆرۈشتى

2017.04.10 14:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە تايلاند مەلىكىسى سىرىن دورىن بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش ئالاھىدە دوستلۇق ھېسسىياتى بار، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپىيىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىگە ئېرىشتى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، بۇ-تايلاند خان جەمەتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە تۈرتكىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن پادىشاھ ۋاجرالوڭكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تايلاندنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو تايلاند بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىياتنى تېرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  سىرىن دورىن مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە تايلاندنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن ئىككى تەرەپنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈچۈن داۋاملىق تېرىشىشنى خالايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر