باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ 2-مەيدان رەسمىي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2017.04.10 15:11   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ 2-مەيدان رەسمىي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاپرېل ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مار ئالاگو قورۇقىدا ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ 2-مەيدان رەسمىي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا ھەم رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبىتى ئىجابىي ۋە مول نەتىجىلىك بولدى، دەپ قارىدى. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىش ھەم ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەشكە قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ مار ئالاگو قورۇقىدىكى سۆھبىتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۇزاق ھەم چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ئورناتتىم. ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھلىرىغا ئايلاندى، ئىككى دۆلەت خەلقى بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتى. جۇڭگو تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ خەلق ئىگىلىكىدە ئىگىلىگەن سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، ئىككى تەرەپ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەمكارلىشىشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…
    ·2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە …
    ·بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائ…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت…