باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا «كارل ۋېنسىنت» ئاۋىياماتكا جەڭگىۋار توپى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى سۇ رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى

2017.04.10 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئۈچىنچى فىلوتى 8-ئاپرىل بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ فىلوت قارىمىقىدىكى «كارل ۋېنسىنت» ئاۋىياماتكا جەڭگىۋار توپىنىڭ شۇ كۈنى سىنگاپوردىن ئايرىلىپ، ئەسلىدە ئاۋسترالىيەگە قاراپ مېڭىش ۋەزىپە پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇرۇلۇپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، غەربىي تىنچ ئوكياننىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى سۇ رايونىدا ھەرىكەتنى قانات يايدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

  بۇ فىلوت تور بېكىتىنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى خاررىي خارىس «كارل ۋېنسىنت» ئاۋىياماتكا جەڭگىۋار توپىنىڭ شىمالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يوليورۇق بەرگەن. بۇ جەڭگىۋار توپ «كارل ۋېنسىنت» ناملىق ئاۋىياماتكا، دېڭىز ئارمىيە 2- ئاۋىياتسىيە ئەترىتى، ئىككى «ئارلېي بېرك» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت ۋە بىر دانە «تىكوندېروگا» دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «كارل ۋىنسىنت» ناملىق ئاۋىياماتكا جەۋگىۋار توپىنىڭ بۇ ھەرىكىتى يېقىندا چاۋشيەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر