- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بايىنغولىن ئوبلاستى سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ
2017.04.10 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرىل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى «ئىش باشلاشنى چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش» سانائەت تۈرلىرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاش مۇراسىمى كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، مەركەزلىك ئىش باشلىنىدىغان 24 تۈرگە 6 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.
بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ قېتىم مەركەزلىك ئىش باشلىنىدىغان 24 تۈرنىڭ ئىچىدە، كورلا ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن 14 تۈر، لوپنۇر ناھىيەسىدىن بىر تۈر، خوشۇت ناھىيەسىدىن ئىككى تۈر، بۈگۈر ناھىيەسىدىن بىر تۈر، خېجىڭ ناھىيەسىدىن بىر تۈر، قاراشەھەر ناھىيەسىدىن ئىككى تۈر، چەرچەن ناھىيەسىدىن ئىككى تۈر، چاقىلىق ناھىيەسىدىن بىر تۈر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە، توقۇمىچىلىق ساھەسى تۈرىدىن يەتتىسى، كورلا توقۇمىچىلىق شەھىرى يۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇھىت ئاسراش تۈرىدىن يەتتىسى، سودا ئەشيا ئوبۇرۇت تۈرىدىن ئىككىسى، قېزىلما بايلىق تۈرىدىن ئۈچى، باشقا تۈرلەردىن بەشى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر