خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، تەڭرىتاغ تورى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن «مەن ۋە كۈچلۈك تور دۆلىتى» ياشلار نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىملىق نۇتۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ ھەممىسى ئىنتېرنېت تورى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى ۋە شەخىسلەر بولۇپ، جىددى مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئابلەت ئابدۇللا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، لى خۇڭيەن، جۇ شياۋجۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ساھىبە ساۋۇر، بەختىيار ئىلھام، ۋاڭ لياڭدىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، لى سۈيخۇڭ، بى لۇ، ليۇ جىخۈي، ليۇ شىۋېي «مۇنەۋۋەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ قارلۇق پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئىنتېل كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى «مۇنەۋۋەر ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى