خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، كورېيەنىڭ سوڭجۇگۇندىكى «سائاد»نى ئورۇنلاشتۇرۇش مەيدانى — سوڭجۇ گولف توپ مەيدانى ئەتراپىدا، ئامما قوللىرىدا شوئارلارنى كۆتۈرۈپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشىغا قاتناشماقتا.
كورېيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئامما شۇ كۈنى بۇ يەردە ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتتىن «سائاد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى