باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2017.04.10 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاپرىل كەچتە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) نىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. 8-ئاپرىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچىدە، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى، تىرېنېرلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنى قوبۇل قىلدى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا ۋەكالىتەن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى، تىرېنېرلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇلارنىڭ CBA مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۈچۈن شان-شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى، ئۇلارنىڭ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كوماندىسى 15 يىل قايتا-قايتا تاۋلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تاۋلىنىپ پولاتقا ئايلاندى، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ جەڭ قىلىپ، ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭلىق بىلەن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى، بولۇپمۇ كەڭ ۋاسكېتبول مەستانىلىرىنىڭ زۆرۈر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىپتىخارلىق، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدۈردى ۋە روھلاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر