باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى فۇنكسىيەلىك رايون ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.04.11 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى فۇنكسىيەلىك رايون ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى قۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى فۇنكسىيەلىك رايون ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىككى رايون» دېيىلىدۇ) پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئىككى رايون» قۇرۇش تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئىلغار پەن-تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش شەكلى ئارقىلىق ئاشلىق ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەدبىرى. دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، سۇبيېكتىپ فۇنكسىيەلىك رايون پىلانى ۋە ئەۋزەل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى تايانچ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئاساسىي ئېتىز-ئېرىقلارنى ئاساس قىلىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنى كونكرېت يەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈشنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆۋەن چەك تەپەككۇر، ئىلمىي بەلگىلەش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، سىجىل تەرەققىي قىلىش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، دېھقانلار قاتنىشىش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، 1 مىليارد 58 مىليون مو كۆلەمدىكى «ئىككى رايون» يېرىنى بەلگىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈچ يىلدا تىرىشىپ ئورۇنداپ، «ئىككى رايون» يېرى بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىش، سۈرەت چاپلاپ ئامبارغا كىرگۈزۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ۋە تەپسىلىيلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئىككى رايون» قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى بەش يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن تىرىشىپ ئورۇنداپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، مىقتارى يېتەرلىك، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلگەن، باشقۇرۇش ۋە قوغداش دەل جايىدا بولغان، زامانىۋى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى فۇنكسىيەلىك رايون ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش رايونىنى دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەشنى سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي تىرەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر