باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2-ھەربىي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىچە ئۆسمىنى نىشانلىق داۋالاش تاكتىكىسى تۈزدى

2017.04.11 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ھەربىي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1-تېما گۇرۇپپىسى يېقىندا يېڭىچە بىر خىل ئۆسمىنى نىشانلىق داۋالاش تاكتىكىسى تۈزدى ۋە ئۆسمىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك توسالايدىغان يېڭىچە ئانتىتېلا دورا ياساپ چىقتى. بۇ نەتىجە خەلقئارادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي ژۇرنال «ئىلىم-پەننى مېدىتسىناغا ئايلاندۇرۇش»نىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىندى.

  ئۆسمە مولېكۇلاسىنى نىشانلىق داۋالاشتا، بىر خىل EGFR دەپ ئاتىلىدىغان مولېكۇلا نىشانلىق دورىسى دائىم رادىياتسىيە ئارقىلىق داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىلىدۇ، لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى پەقەت دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاسانلا دورىغا تاقابىلچانلىق شەكىللىنىدۇ. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2-ھەربىي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئوفىزىكا ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى پىروفېسسور لېي چاڭخەي ۋە دوكتور خۇ شى تېما گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، «ئۆسمە غول ھۈجەيرىسى» (CSC) تەتقىقاتىغا كىرىشتى، چۈنكى ئۆسمە غول ھۈجەيرىسى رادىياتسىيەلىك، خىمىيەلىك داۋالاش ۋە مولېكۇلانى نىشانلىق داۋالاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، راكنى داۋالاشتىكى چوڭ توسالغۇ ھېسابلىنىدۇ. خۇ شى مۇنداق دېدى: ئۆسمە ئەمەلىي ھۈجەيرىسى بىلەن ئۆسمە غول ھۈجەيرىسىنى قوش چەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئۆسمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ EGFR نىشانلىق دورىسى ۋە رادىياتسىيەلىك داۋالاشقا قارشى تۇرۇشچانلىقى باركەن، بۇ خىل قارشى تۇرۇشچانلىق ھۈجەيرىدىكى Notch سىگنال يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، Notch سىگنال يولىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق، ئۆسمە غول ھۈجەيرىسىنىڭ داۋالاشتىكى دورىغا چىداشلىق مەسىلىسىنى تىزگىنلىگىلى بولىدىكەن. تېما گۇرۇپپىسى يېڭىچە ياساش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى خىل سىگنالنى ئۈزۈۋېتەلەيدىغان يېڭىچە گېن قۇرۇلۇشى ئانتىتېلاسى ياساپ چىققان. «ئىلىم پەننى مېدىتسىناغا ئايلاندۇرۇش» ژۇرنىلى بۇنىڭغا مۇنداق باھا بەرگەن: قوش فۇنكسىيەلىك ئانتىتېلانىڭ چاشقاننىڭ كۆچۈرۈلمە ئۆسمە مودېلىدىكى ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئۆسمە غول ھۈجەيرىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولدى، بۇ قوش نىشانلىق بىرلەشمە داۋالاشتىكى كۈچلۈك تەدبىر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر