باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسكۋادا ئىككى پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدە ھازىر تېخى جۇڭگو پۇقراسى يارىلانمىغان

2017.04.10 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 8- ئاپرېل كەچ سائەت 22دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدىن بېلارۇسىيەنىڭ برېست شەھىرىگە قاتنايدىغان بىر يولۇچى توشۇش پويىزى بىر قىسقا مۇساپىلىك ئېلېكتىر پويىزى بىلەن موسكۋانىڭ غەربىي قىسىمدا سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھەر ئىككى پويىزدا ۋاگون رېلىستىن چىقىپ كەتكەن. رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 50 ئادەم يارىلانغان، 12 ئادەم جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە يارىلانغان جۇڭگو پۇقراسى يوق ئىكەن. 9- ئاپرېل سەھەردە ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر