باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆپلىگەن مۇتەخەسسىس ئالىملار جۇڭگو ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ئىجابىي باھا بەردى

2017.04.10 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رەئىس شى جىنپىڭ 6-، 7-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ مار- ئالاگو قورۇقىدا تىرامپ بىلەن جۇڭگو ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بىلىدىغان زور خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى، ھەمدە كۆپلىگەن تۈرلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

  بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان جۇڭگو ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ، كەڭ دائىرىدە دىققەت قىلىندى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىس ئالىملىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئارقىلىق بىر بىرگە بولغان چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە شەخسى دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېسىنگىر مەسلىھەت بېرىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تەڭشىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياخشى شەخسى مۇناسىۋەت ئورناتتى.

  رۇسىيە ئالى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ شەرق ئىلىمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىجابىي يېڭى باشلىنىشنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام تەرەققىي قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى خەلقئارا سودا، پۇل مۇئامىلە ھەتتا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  فىرانسىيە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ياۋروپا مۇنبىرىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى گاۋداۋىي مۇنداق دېدى: ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىپادىلەنگەن مۇناسىۋەت ئىجابىي كۈچكە تولدى، بۇنىڭدىن ئىپادىلەنگەن ئىجابىي ئەمەلى روھى بۇندىن كىيىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدۇ.

  ياۋروپا ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋروپا جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مىنجىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەسىر ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ بىر خىل مۇقىملىقىنى ئورنىتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى، بىر بىرنى قوللىشى، ئۆز ئارا چۈشىنىشى، بىر بىرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مۇناسىۋىتى، دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر