- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە يامغۇرنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن ھاۋارايى تۇراقسىز بولىدۇ
2017.04.11 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋا بىر قانچە كۈن تۇتۇلغاندىن كېيىن، 9-ئاپرىل كەچتىن باشلاپ يەنە يامغۇر ياغدى، بۇ پەقەت بۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى قېتىملىق يامغۇر بولۇپ، 13- ئاپرىلغا بارغاندا، ئۈرۈمچىدە يەنە يامغۇر ياغىدۇ.
يامغۇر-يېشىننىڭ تەسىرى تۈپەيلى ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇراسىمۇ بىر كۈن ئىسسىسا، بىر كۈن مۇزلاپ، ھاۋارايى تۇراقسىز بولماقتا.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار خادىملار مۇنداق دېدى: بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى بىر قەدەر تۇراقسىز بولىدۇ، سىرتقا چىققاندا ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
13-ئاپرىل كېچىدىن 14-ئاپرىلغىچە يامغۇر يېغىپ، بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. شەھەر قۇرۇلۇشى، قاتناش، ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا پاسسىپ تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر