باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالايسىيا پەي توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىدە لىن دەن بىلەن جېڭ سىۋېي، چېن چىڭچېن چېمپىيون بولدى

2017.04.11 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيا پەي توپ ئاشكارا مۇسابىقىسى تۈنۈگۈن ئاياغلاشتى، جۇڭگو پەي توپ كوماندىسى ئاياللار يەككە ئويناشتىن باشقا تۆت تۈرنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، ئەڭ ئاخىرىدا لىن دەن بىلەن جېڭ سىۋېي ۋە چېن چىڭچېن ئايرىم-ئايرىم ئەرلەر يەككە ئويناش ۋە قوش ئارىلاشما ئويناشنىڭ چېمپىيونلىقىنى ئالدى.

  شۇ كۈندىكى مۇسابىقىنىڭ قىزىق نۇقتىسى شۈبھىسىزكى ئەرلەر يەككە ئويناشنىڭ چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا لىن دەن 21:19 ۋە 21:14 نەتىجە بىلەن ئاساسىي مەيدان ئۈستۈنلۈكى بار لى زۇڭۋېينى يېڭىپ، مالايسىيادا تۇنجى قېتىم پەي توپ شاھى بولدى.

  قوش ئارىلاشما ئويناش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئېلىشىدىغان ئىككى تەرەپ بولسا ئىككى جۈپ جۇڭگو گۇرۇپپىسى بولۇپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان جېڭ سىۋېي، چېن چىڭچېن ئىككى مەيداندىلا كوماندا ئەزاسى لۇ كەي، خۇاڭ ياچيۇڭنى يەڭدى.

  ئەرلەر جۈپ ئويناش، ئاياللار جۈپ ئويناش تۈرى بويىچە ھىندونېزىيە گۇرۇپپىسى جىدىئېن بىلەن سۇكامۇيۆ ۋە ياپونىيە گۇرۇپپىسى يۈكى فۇكۇشىما، ساياكا ھىروتا ئايرىم-ئايرىم چېمپىيون بولدى، جۇڭگو تەيبېي كوماندىسىدىن دەي زىيىڭ ئاياللارنىڭ يەككە ئوينىشى بويىچە چېمپىيون بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر