باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئالدىدا، ھەر خىل مۇستەقىل سايلام رىقابەتچىلىرى دىققەتنى قوزغىدى

2017.04.11 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيەدە 5- ئاينىڭ 9-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈش بېكىتىلدى، ھازىرغىچە 21 كىشى سايلام نامزاتى رويخىتىگە ئېلىندى. ۋېن زەييىن ۋە ئەن جېشيۇ قاتارلىق داڭلىق نامزاتلاردىن باشقا، قارىماققا سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان، كەسپىي رەممال، كۆممىقوناق تەتقىق قىلىدىغان دوكتور ۋە جىنايەت سادىر قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مۇستەقىل سايلام رىقابەتچىلىرىمۇ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سايلامغا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلاپلا قالماستىن، يەنە جىنايەت خاتىرىسىنى ئەينەن تولدۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر ئائىلە سايمانلىرى دۇكىنىنىڭ سابىق غوجايىنى جىن خۇاڭشېڭ (ئاھاڭ تەرجىمىسى) ئىلگىرى ئوغرىلىق قىلغانلىقتىن، دەۋا قىلىنغان، يەنە تۆھمەت قىلىش جىنايىتى ۋە ئوغرىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈلگەن.

  نۆۋەتتە، تۈرلۈك ئەل رايىنى سىناش ئەھۋالىدا 1-ئورۇندا تۇرغان ۋېن زەييىنمۇ ئىككى ئورۇندا «داغ» قالدۇرغان بولۇپ. بىرىنچى قېتىم، 1975- يىلى سابىق زۇڭتۇڭ پاك چۇڭخىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش سەۋەبلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېچىكتۈرۈلگەن، ئىككىنچى قېتىم 2004 - يىلى كۆكساراي كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئۇزۇنغىچە تەلەپ بويىچە پارلامېنتقا بېرىپ گۇۋاھلىق بەرمىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر