باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار رايونى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى

2017.04.11 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونى قۇرۇش ھەققىدىكى پىكىر»نى چىقىرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونىنى بېكىتىش، قۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ ئىككى رايوننى قۇرۇش-تېرىلغۇ يەرنى تەڭشەپ ئىشلىتىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا پەن-تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىر. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشنى نىشان، يېزا ئىگىلىكنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، ئاساسلىق ئىقتىدار رايونى پىلانلاش ۋە ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلاشنى تايانچ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى ئاساس قىلىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەر بىر پارچە يەرگىچە ھەقىقىي، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، ئىلمىي بېكىتىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسەت بىلەن يېتەكلەش، دېھقانلار قاتنىشىش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش» تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە تەخمىنەن بىر مىليارد 58 مىليون مو يەرنى ئىككى رايونغا ئايرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئىككى رايونغا ئايرىلغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئارخىپقا ئېلىش، جەدۋەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە دەل باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئىككى رايوننى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق، سانى يېتەرلىك، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مەھسۇلات ئىقتىدارى يۇقىرى، باشقۇرۇش، قوغداش ئەمەلىيلەشكەن، ئىشلەپچىقىرىش زامانىۋىلاشقان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار رايونى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغداش رايونىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تىرىكىگە ئايلاندۇرۇش لازىم.

  پىكىردە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بېكىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيەلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا توغرا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر پارچە يەرگىچە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىككى رايون قۇرۇلۇشى خەرىتىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر