باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران زۇڭتۇڭى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى تېلېفونلاشتى

رۇسىيە بىلەن ئىران سۇرىيەنى قوللىدى

2017.04.11 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر پۇتىن 9-ئاپرىل ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانى بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ سۇرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللار ۋەقەسى ئۈستىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە كېرىمىل سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ: ئىران تەرەپ سۆزلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، پۇتىن بىلەن روھانى سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، دېدى. «ئىككى تەرەپ بىردەك ھالدا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتكە قارىتا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى». پۇتىن بىلەن روھانى 4-ئاپرىل سۇرىيەنىڭ ئىدلىب ئۆلكىسىدىكى خىمىيەلىك قورال ۋەقەسى ئۈستىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە- ئىران رەھبەرلىرى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. ئىككى دۆلەت تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  شۇ كۈنى، روھانى يەنە سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئاساد بىلەن تېلېفونلاشتى. سۇرىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روھانى بەشىرنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە زەربە بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ، بۇنى سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا «ئاشكارا تاجاۋۇز قىلىش» دېدى. بەشىر: ئامېرىكا سۇرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش ئارقىلىق، سۇرىيەدىكى «تېررورلۇق تەشكىلات»نىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلماقتا، دېدى. سۇرىيە ھاكىمىيىتى ئىزچىل تۈردە سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى «تېررورچىلار» دەپ ئاتايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر