باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-بېرما نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتى

2017.04.11 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  140 مىڭ توننا خام نېفىت بېسىلغان «سۈۋەيىش» ناملىق ماي پاراخوتىدىكى نېفىت تۈنۈگۈن بېرمىنىڭ ماد ئارىلى پورتىدا چۈشۈرۈلۈشكە باشلاپ، جۇڭگو-بېرما خام نېفىت تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى جاكارلاندى. جۇڭگو-بېرما خام نېفىت تۇرۇبىسى بېرمىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ماد ئارىلىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 771 كىلومېتىر كېلىدۇ، بەش پونكىت تەسىس قىلىنغان، لايىھەدىكى يىللىق يەتكۈزۈش مىقدارى 22 مىليون توننىغا يېتىدۇ.

  جۇڭگو-بېرما خام نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو بىلەن بېرمىنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ساھەسى يېڭى باسقۇچقا كىردى، بۇ تۈرمۇ «بېنگال، جۇڭگو، ھىندىستان، بېرما ئىقتىساد كارىدورى» ۋە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ مۇھىم بەلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو-بېرما خام نېفىت تۇرۇبىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بېرمىغا كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ شۇنداقلا جۇڭگو غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر