باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل خوتەن ۋىلايىتىدىن ئەنخۇيگە ئىشلەمچىلىككە بارىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمى يېتىپ باردى

2017.04.11 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئاپرىل، شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر زاۋۇت رايونىدا گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن 57 ياشنى كۈتۈۋالماقتا. شۇ كۈنى، 2017-يىللىق خوتەن ۋىلايىتىدىن ئەنخۇيگە ئىشلەمچىلىككە بارىدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چاۋخۇي شەھىرى ياگىر رەڭلىك توقۇمىچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە يېتىپ باردى، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، تېزدىن خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلىشىدۇ.

  خوتەنلىك ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئەنخۇيگە كېلىپ ئىشلىشى ئىككى جاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئەڭ ئەمەلىي، جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى ۋە ئۈلگىلىك مىسالى. بىرىنچى قېتىم گۇما ناھىيەسىنىڭ سىرتىغا چىققان گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى قۇلئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بېلىقىز دۆلەت مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەش باسقۇچىدا دەرس سۆزلىگەن مۇئەللىم بىزنىڭ يېڭى قاراش تىكلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىزگە باي بولۇش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش لازىملىقىنى ئېيتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولغىنىمنى ئۆيدىكىلەرگە دېدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى قوللىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن تىزىملاتتىم. بۇ يەردە مەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆپ پۇل تېپىپ، ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايمەن.»

  نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە 370 مىڭ كىشىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى نامراتلىق كۆرسەتكۈچ سىزىقىنىڭ ئاستىدا تۇرۇۋاتىدۇ، 620 مىڭ كىشىنىڭ تېخى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يوق، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، پۈتۈن دۆلەت، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرى بىلەن بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ناھايىتى مۈشكۈل.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۈي ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قويۇپ تۇتۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر