باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن، شىمالىي ئافرىقا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كېرەك

2017.04.11 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالتانىڭ مالىيە مىنىستىرى ئېدىۋارد شىكلونا 8-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرلىرى بىرەسمىي يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئافرىقا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، باراۋەرسىزلىكنى ئازايتىش ۋە شەخسىي مەبلەغ سېلىشكە تۈرتكە بولۇش مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىشىنى ھەل قىلىشىنىڭ تۈپ تەدبىرى.

  شىكلونا مۇنداق دېدى: شىمالىي ئافرىقا ئەللىرى مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىدىغان ئېغىزى، سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايوندا نۇرغۇن مۇساپىرلار شىمالىي ئافىرىقىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت شىمالىي ئافرىقا ئەللىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغاندىلا قانۇنسىز مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى توسۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋارجىس دوبلوۋىسكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇ شىمالىي ئافرىقا رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە قورالى ئارقىلىق يولغا قويۇشقا بولىدىغان تۈرلەرنى بەرپا قىلىپ، توساقلارنى تۈگىتىپ خۇسۇسىيلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر