باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ تىڭجۆ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2017.04.11 16:22   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ تىڭجۆ بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاپرېل خەلق سارىيىدا بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ تىڭجۆ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك بوران- چاپقۇندا بىللە بولۇش، قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك ئىسىل ئەنئەنە ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش تەڭ پايدا ئېلىشتەك ھەمكارلىق فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو – بېرما مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو- بېرمىنىڭ تاغ- سۇلىرى تۇتىشىپ كەتكەن، قېرىنداشلىق مىھرى چوڭقۇر. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسپى ئاساسىدا سىجىل تەرەققىياتقا ئېرىشتى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بېرما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرما بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەڭگۈ ياخشى قۇشنا، ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەھراھلاردىن بولۇشقا قوشۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…
    ·2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە …
    ·بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائ…