خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاپرېل خەلق سارىيىدا نورۋېگىيە باش ۋەزىرى سولبېرگ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نورۋېگىيە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ بازار ئىگىلىكى ئورنىنى ئەڭ بۇرۇن ئېتىراپ قىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو نورۋېگىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 63 يىلدىن بۇيان، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولدى. باش ۋەزىر خانىم ۋە نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو- نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن پائال تىرىشقانلىقىغا قايىلمەن. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر، جۇڭگو- نورۋېگىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ئەھمىيەت بەرسە ھەم ھۆرمەت قىلسىلا، پارلاق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو- نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئورنىتىشتا رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى