خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ راۋىقىدا لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5-نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىقىغا تەيىنلىگەن گوۋۇيۈەننىڭ 678-نومۇرلۇق پەرمانىنى بەردى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن لىنجېڭ يۆئېنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5-نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھۆكۈمەت سىز ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتى، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، دېموكراتىيە، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. شياڭگاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ھەم ئۆزىنىڭ ھەم دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى. بۇ يىل، مەركىزىي ھۆكۈمەت گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەرەققىيات پىلانىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭدا «زايوم ئالاقىسى»نى يولغا قويىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق يېڭى ئېنېرگىيە قوشۇش ئۈچۈن. مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلاپ، نەپ يەتكۈزۈشى، شياڭگاڭنىڭ ئۈچ چوڭ مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق تەدبىرلەرنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى