باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئايرودۇرۇم توپى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ «ھاۋا يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ

بىر يىلدا 14 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 17 ئايرودۇرۇم يېڭىدىن سېلىنىدۇ ياكى ئۆزگەرتىلىپ سېلىنىدۇ

2017.04.12 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاپرىل يەكەن ئايرودۇرۇمى ئايروپورت رايونىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى پۈتتى، نۆۋەتتە قۇرۇلۇشچىلار سىرتقى تىك يۈزى ۋە ئىچكى قىسمىنىڭ بېزىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇنداپ، 6-ئايدا قۇرۇلۇشنى تولۇق تاماملاش ئۈچۈن تىرىشماقتا. پىلان بويىچە، 7-ئايدا يەكەن ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلىنىدۇ، شۇ ۋاقىتتا يەكەن ئايرودۇرۇمى شىنجاڭدىكى 19-تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىغا ئايلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا سەككىز ئايروپورت قۇرۇش تۈرى ئورۇندىلىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە تۈر قۇرۇلۇشىدا چوڭ نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى يۇقىرى پەللىگە چىقىپتۇ، بۇ بىر يىلدا جەمئىي 14 تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى ۋە ئۈچ ئۇنىۋېرسال ئايرودۇرۇم يېڭىدىن سېلىنىدىكەن ياكى ئۆزگەرتىلىپ سېلىنىپ، بىر يىلنىڭ ئىچىدە 14 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىنمىسى تولۇق ئورۇندىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر