باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى

تولۇق كۇرس 2-، 3-تۈركۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىر قىسىم نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2017.04.13 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» رەسمىي ئېلان قىلىنغان (تۆۋەندە ئاددىيلاشتۇرۇپ بەلگىلىمە دەپ ئاتىلىدۇ). 2017-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈم سانىنى تەڭشەيدىكەن، تولۇق كۇرس 2- ۋە 3 –تۈركۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىكەن.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە دەرىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، 6- ئاينىڭ 26-كۈنى ھەرقايسى تىل، ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ. نومۇرى، رەت تەرتىپى، ئەڭ تۆۋەن نومۇر سىزىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئارزۇ تولدۇرۇش 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئالدىن تىزىملىتىش تۈركۈمىدىكى ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 20گىچە، قالغان تۈركۈملەرنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 20گىچە بولىدۇ.

  بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىللىق تولۇق كۇرسنىڭ 2- ۋە 3-تۈركۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى قىلىپ تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا 18 تەڭداش ئارزۇ بولىدۇ. بۇ تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش رەسمىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇدا ئىككى قېتىم پىدائىي شەكىلدە ئارزۇ تولدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، كونكرېت ئېلىپ ئېيتقاندا، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالاھىدە تۈرىدىكى تولۇق كۇرس 2- ۋە 3-تۈركۈمى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالاھىدە تۈرى تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، پەلەمپەي شەكىلدە ئارزۇ تولدۇرۇلىدۇ، بۇ تۈركۈمدە ئۈچ ئارزۇ تولدۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر