باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

2017.04.12 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2017- يىللىق

  چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى مىنىستىرلار ئارا كېڭەش يىغىنى 11- ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئاشكارىلاندى: 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدە چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىليون 651 مىڭ 100 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2016- يىلى ۋەتەنگە قايتقانلار 432 مىڭ 500 گە يىتىپ، يەنە بىر قېتىملىق يېڭى رېكورت يارىتىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ «مىڭ كىشلىك پىلانى بويىچە چەت ئەلدىن كىرگۈزگەن يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى 6000 كىشىدىن ئاشقان، جايلار كىرگۈزگەن چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەر 53 مىڭ 900 گە يىتىپ، پىروفېسسور دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار سانى 1978- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە كىرگۈزگەن ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 20 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ۋەتەنگە قايتىشنى تاللىغانلارنىڭ نىسبىتى 2012- يىلىدىكى %72.38 تىن 2016- يىلىدىكى %82.23 كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆلكە، مىنىستىرلىق قۇرغان چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ئىگىلىك تىكلەش رايونى 49 غا، مەملىكەت بويىچە چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ئىگىلىك تىكلەش رايونى 347 گە، ئىگىلىك تىكلەش رايونلىرىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار 79 مىڭغا يەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر