خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 11- كۈنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەھەر دىيارباكىردىكى پارتلاش يۈز بەرگەن جايدا قويۇق ئىس كۆتۈرۈلدى. تۈركىيە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دىيارباكىر شەھىرىدە 11-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە بىر ئادەم قازا قىلىپ، تۆت ئادەم يارىلانغان. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پارتلاشتا ئاز دېگەندىمۇ 10 ئادەم يارىلاندى، دەپ خەۋەر قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى