باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى

پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن

2017.04.12 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى قاتاررلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پەن تەتقىقات يۇرتى، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ۋە بوغالتىرلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئاسپىرانت تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، تەلەپ بويىچە ئاسپىرانتلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇناسىپ ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىرنىمۇ قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. كېتەرلىك مەبلەغلەرنى ھازىرقى بەلگىلىمە ۋە يوللار بويىچە ھەل قىلىپ، پەن تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى خامچوت باشقۇرۇشنىڭ تەرتىپ-تۈزۈلمىسى بويىچە خامچوت تۈزۈپ چىقىشى، ھەمدە كەسپىي كىرىملار ۋە جەمئىيەت ئىئانىلىرى قاتارلىق مەبلەغلەردىن بىر تۇتاش پايدىلىنىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى بېرىشكە بولىدىغان كەسىپلەرنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنىڭ بېرىلىشى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا، ھازىرغىچە تېخى دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم قەرز پۇلى بېرىش كەسپىنى ئاچمىغان پەن تەتقىقات يۇرتى، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى ۋە بوغالتىرلىق ئىنستىتۇتى قاتارلىق مەكتەپلەر ياكى تەربىيەلەش ئورۇنلىرى 2017- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر