باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ كامبودژا يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى فىنوم پېندا ئۆتكۈزۈلدى

2017.04.12 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ كامبودژا باش ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئېيتقانلىرى» ناملىق كىتابىنىڭ كامبودژا يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 11-ئاپرېل كامبودژا پايتەختى فىنوم پېندىكى باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ تىنچلىق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. كامبودژانىڭ باش ۋەزىرى خۇڭسېن تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جۇڭگو-كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھە، مائارىپ ساھەسى، كارخانىلاردىن كەلگەن ۋە ئىستۇدېنتلار ۋەكىللىرىدىن 700 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  خۇڭسېن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئېنىقسىز ئامىللار بىلەن تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو دۇنياۋىلىشىشنى پائال تەشەببۇس قىلىپ، سودا ئەركىنلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلار ۋە دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ئۇلۇغ تەشەببۇسى، دۇنيانى بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتە زور نەپكە ئېرىشتۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر