باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىر قىسىم دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

لى باۋرۇڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولدى

2017.04.12 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تۈركۈم ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان.

  ئۇ ئۇچۇرلارددىن مەلۇم بولۇشىچە، لى باۋرۇڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن؛ ۋاڭ يوڭخوڭ دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن؛ پېڭ جيارۈي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن.

  يەنە شۇ ئۇچۇرلارددىن مەلۇم بولۇشىچە، يىن خېجۈن پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ شاڭ شاۋتىڭ دۆلەت ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ ۋاڭ شياۋپىڭ (ئايال) گوۋۇيۈەن مۇھاجىرلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ جى شياۋنەن ۋە شۈن خۇەنجۇڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى نۇقتىلىق چوڭ كارخانىلار نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان؛ ليۇ شىنچى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ قوماندانى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر