باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كېلىنكىدا تەتقىق قىلىش بويىچە ئىككى تۈر يولغا قويۇلدى

2017.04.12 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- قېتىملىق پاركىنسېن كېسىلى كۈنى ۋە پاركىنسېن كېلىسىنىڭ بايقالغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرە كۈنى بولغان 11- ئاپرېل كۈنى دۆلىتىمىزدە تۇنجى تۈركۈمدىكى تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كېلىنكىدا تەتقىق قىلىش بويىچە ئىككى تۈر رەسىمىي ئەنگە ئېلىندى،«ئادەم تۆرەلمىسى غول ھۆجەيرىسىنى مەنبە قىلغان نېرۋا ئالدىنقى تەنچە ھۆجەيرىسى ئارقىلىق پاركېنسېن كېسىلىنى داۋالاش» ۋە «ئادەم تۆرەلمىسى غول ھۆجەيرىسىنى مەنبە قىلغان كۆرۈش پەردىسى پىگمېنت يۇقىرىقى تەنچە ھۆجەيرىسى ئارقىلىق ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرغاق سېرىق داغ ئۆزگىرىشىنى داۋالاش» جېڭجۇ ئۇنىۋېرىستېتى 1- تارماق دوختۇرخانىسىدا يولغا قۇيۇلدى.

  ئىككى تۈر جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى «غول ھۆجەيرە ۋە قايتا ھاسىل قىلغۇچى مىدىتسىنا تەتقىقاتى» ئىستىراتېگىيەلىك باشلامچى پەن تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن دۆلەت غول ھۆجەيرىسىنى كېلىنكىدا تەتقىق قىلىش ئورگىنى جېڭجۇ ئۇنىۋېرىستېتى 1- تارماق دوختۇرخانىسىدا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە يىمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ غول ھۆجەيرىسىنى كېلىنكىدا تەتقىق قىلىش تۈرى بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئەنگە ئېلىش تاماملاندى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇۋ چى مۇنداق دېدى: بۇ دۇنيادا تۇنجى تۈركۈمدىكى ماس كېلىدىغان تىپنى ئاساس قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان كۆپ ئىقتىدارلىق غول ھۆجەيرىسى بۆلۈنۈش ھۆجەيرىسىنى كېلىنكىدا كۆچۈرۈش تەتقىقات تۈرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غول ھۆجەيرە ساھەسىدىكى سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ غول ھۆجەيرە ۋە ئۆزگىرىش تەتقىقاتى سەۋىيەسىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر