باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سومالىدا ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى

2017.04.11 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پايتەخت مۇقدىشۇغا جايلاشقان سومالى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يېقىن جايدا 9-ئاپرېل ئۆزىنى قوشۇپ ئاپتوموبىل پارتلىتىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ، ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلدى، كۆپلىگەن كىشى يارىلاندى.

  سومالى دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ قېتىمقى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلغان، بىراق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان شۇ يەردىكى ساقچى تېلېفون ئارقىلىق مۇخبىرغا، پارتلىتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 15 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇچ ئەسكەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇندىن باشقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  بۇ سومالىدا يېقىندا 2-قېتىم يۇز بەرگەن پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 6-ئاپرېل، سومالى زۇڭتۇڭى مۇھەممەت ئابدۇللا مۇھەممەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، ھەمدە سومالى خەلقىنى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ياشلار پارتىيەسىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا دەۋەت قىلدى. 6-ئاپرېل كەچتە، سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى شىاشىبىل ئىشتاتىدا مىنا پارتلاش ۋەقەسى يۇز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 كىشى قازا قىلدى.

  سومالى ياشلار پارتىيەسى 9- ئاپرېل يۇز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سومالى ياشلار پارتىيەسى بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بار ئەسەبىي تەشكىلات بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سومالى ۋە ئۇنىڭ قوشنا دۆلەتلىتىدە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر