باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاي ئايرودۇرۇمى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ تاقىلىدۇ، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى قاناس ھاۋا يولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

2017.04.12 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتاي ئايرودۇرۇمى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تاقىلىپ قۇرۇلۇش قىلىدۇ، بىراق دەخلىسى يوق، بۇ يىل قاناس ئايرودۇرۇمى مۇددەتتىن بۇرۇن 5- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەسلىگە كېلىدۇ

  4- ئاينىڭ 11- كۈنى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي ئايرودۇرۇمى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش قىلىش تۈپەيلىدىن، 4- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ ئايرودۇرۇمنى تاقاپ قۇرۇلۇش قىلىشنى پىلانلىغان. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ تەرەپكە قاتنىماقچى بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ بېسىمىغا قارىتا، 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ـ قاناس ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن، بۇ، ئۆتكەن يىللارغا قارىغاندا بىر ئاي ئىلگىرىلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى ئالتاي ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئالتاي رايونىدىكى 1- نومۇرلۇق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدىكەن. ئۆزگەرتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئايروپىلان يولى شەرق تەرەپكە 600 مېتىردىن 2800 مېتىرغىچە ئۇزارتىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى ئايروپىلان يولىنى ئۆزگەرتىپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، A320 تىپلىق ۋە B737 تىپلىق ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىش تەلىپىنى قاندۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر