- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ماتىس: بومباردىمان قىلىش سۇرىيەنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان %20 ئايروپىلانىنى زىيانغا ئۇچراتتى ياكى ۋەيران قىلدى
2017.04.11 15:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى 6-ئاپرېل سۇرىيەنىڭ بىر ھەربىي ئايرودۇرۇمىنى بومباردىمان قىلىپ، سۇرىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان %20 ئايروپىلانىنى زىيانغا ئۇچراتتى ياكى ۋەيران قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ ھەربىي ئايرودۇرۇم يېقىلغۇ ۋە ئوق-دورا ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان جاي بولۇپ، ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بومباردىمان قىلىش سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى يەنە بۇ ھەربىي ئايرودۇرۇم ئارقىلىق ئايروپىلانلارغا يېقىلغۇ تولۇقلىيالمايدىغان ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتا قۇرالمايدىغان قىلىۋەتتى.
ماتىس مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق بومباردىمان قىلىش 4-ئاپرېل سۇرىيەدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ۋەقەسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن چىقارغان ئىنكاس بولۇپ، بۇندىن كېيىن سۇرىيەدە قايتا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى يۈز بېرىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر