باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى مىسىردىكى ئىككى قېتىملىق چېركاۋغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2017.04.11 15:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9-ئاپرېل تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى تانتا شەھىرى بىلەن ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە شۇ كۈنى يۇز بەرگەن چېركاۋغا قارىتىلغان پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۇچۇك ئەيىبلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن ۋە مىسىر ھۆكۈمىتىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ ۋە ھال سورايدۇ، ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيدۇ. خەۋىپسزلىك كېڭىشى، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورلۇقنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويغۇچى، تەشكللىگۇچى، ياردەم بەرگچى ۋە قوللىغۇچىنى قانۇن تۇرىغا ئىلىش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدىكى بەلگىلىمىلەردىكى مەجبۇرئىتىنى ئادا قىلىشقا دەۋەت قىلدى، بۇ جەھەتتە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن پائال ھەمكارلىشىدىغالىقىنى تەكىتلىدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر