باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 300 مىليون توننىدىن ئاشتى

2017.04.11 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاپرىلغا قەدەر، تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 302 مىليون توننىغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلدى.

  تارىم نېفىتلىكىدە 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى نېفىت بۇرغىلاشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلغان بولۇپ، 28 يىلدىن بېرى توختىماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، 25 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىت، تەبىئىي گازلىق رايونى ۋە غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش مەنبەسى ئوڭۇشلۇق قۇرۇپ چىقىلدى.

  تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم نېفىتلىكىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىشتىكى نۇقتىلىق جاي بولۇپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىشتىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلىگە ۋە ناچار تەبىئىي مۇھىتنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، تارىم نېفىتلىكىدىكىلەر تارىم ئويمانلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەنۇبىي بۈگۈر، ئوتتۇرا تارىم، خادا قۇدۇقى، قارا 2-قۇدۇقى قاتارلىق 30 نەچچە چوڭ كۆلەمدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قۇدۇقىنى تاپتى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 2 مىليارد 620 مىليون توننا بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىت 120 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز 228 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىپ بارىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر