باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇدان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ئاخىرلاشتى

2017.04.11 15:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇدان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسى 9-ئاپرېل ئون كۈن داۋاملاشقان كۆك قالقان 10-نومۇرلۇق ھاۋا ئەرمىيىسى مانېۋىرىنى ئاخىرلاشتۇردى، بۇ ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ قوراللىق كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئىبارەت.

  سۇدان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى سالىخ خالىق 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھەربىي مانۋىردا ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە تېخنىكا ئىقتىدارى خۇلاسىلاندى، قوماندانلىق قىلىش ۋە ئاخبارات ئالماشتۇرۇش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى، يەمەن قوسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر سۇداننىڭ پايتەختى خارتومنىڭ شىمالىغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان مىرو ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۇدان زۇڭتۇڭى بەشىر بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى مۇھەممەت ئوتەيبى مانېۋىرنى كۆردى ۋە قوماندانلىق قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا سۇدان ھاۋا ئارمىيەسى 450 ئادەم، مىگ-29، ۋە سۇ- 24 بەلگىلىك ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش ئايروپىلاندىن 29 نى ئەۋەتكەن، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھاۋا ئارمىيەسى 250 ئادەم، F-15 ۋە ياۋروپا تەيفىڭ بۇرىنى ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى قاتناشتۇرغان.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر