باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى تەشۋىقات مۇلازىمەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2017.04.11 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان موللانىياز خەۋەر قىلىدۇ) ئاپرېل ئېيى 29-قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتى ئېيى، 4-ئاينىڭ 7-كۈنى 68-قېتىملىق دۇنيا سەھىيە كۈنى، بۇ يىلقى دۇنيا سەھىيە كۈنىنىڭ باش تېمىسى «ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان خامۇشلۇق، پىسخىك ساغلاملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى». 4-ئاينىڭ 6-كۈنى، باي ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىلەن باي ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى ۋە دۇنيا سەھىيە كۈنى تەشۋىقات مۇلازىمىتى پائالىيىتى باي ناھىيە بازىرىدىكى ئادەملەر توپلاشقان پىيادىلەر سودا كوچىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش-پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت مەركىزى، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىن تەشكىللەنگەن مۇلازىمەت تەشۋىقات خادىملىرى تەشۋىقات نۇقتىسىدا خالىس كېسەل كۆرۈش ۋە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ھەمدە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش ئارقىلىق ساغلاملىق ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر