باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

30 يىلدىن بۇيان،SOS بالىلار كەنتىدە ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان 2800 بالا بېقىپ تەربىيەلەندى

2017.04.11 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نى چۈنشىيا 9-ئاپرېل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 30 يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز 10 ئەس ئو ئەس بالىلار كەنتىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان 2800 بالىنى بېقىپ تەربىيەلىدى، 1500گە يېقىن بالا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى چىقىپلا قالماستىن، يەنە ھەر قايسى كەسىپ ساھەلەردىكى ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشماقتا.

  نى چۈنشىيا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلمەكتە، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، خەلقئارا ئەس ئو ئەس بالىلار كەنتى تەشكىلاتى- خەلقئارالىق ئەلئارا خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى 130دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندا 500دىن ئارتۇق ئەس ئو ئەس بالىلار كەنتى، مىڭدىن ئارتۇق قاراشلىق ئاپپارات قۇرغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر