باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىللەرنىڭ 8360 پارچە تەكلىپى بىر تۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى

نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان 20 تۈرلۈك تەكلىپ بېكىتىلدى

2017.04.12 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 11-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىللىق يىغىن مەزگىلىدە ۋەكىللەر 8360 پارچە تەكلىپ بەرگەن.

  ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ مەزمۇنى ۋە ھەر قايسى بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ فۇنكسىيە دائىرىسىگە ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ بۇ يىل بەرگەن تەكلىپلىرى 189 ئورگان، تەشكىلنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدىكەن. تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېجىرىدىغان ئورۇنلار تۆۋەندىكىچە: مالىيە مىنىستىرلىقى 2726 پارچە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2026 پارچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى 1071 پارچە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 798 پارچە، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 742 پارچە، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 728 پارچە.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گۇ شىياۋيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ھەر قايسى تەرەپلەردىن پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، 20 تۈرلۈك مەزمۇننى بۇ يىللىق نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان پىكىر قىلىپ بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 146 پارچە كونكرېت پىكىر، 621 ئادەم/قېتىم ۋەكىلگە ئالاقىدار مەزمۇنلار پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى قاتارلىق 53 ئورۇننىڭ مەسئۇل بولۇپ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 16 ئورۇن باشلامچىلىق بىلەن بېجىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى قاتارلىق ئالتە مەخسۇس كومىتېتنى ھەيدەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر