باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماي بايرىمىلىق ساياھەتچىلىككە پۇختا تەييارلىق قىلىنماقتا

2017.04.11 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، مەھمۇت تەۋەككۈل خەۋەر قىلىدۇ) «1-ماي» بايرىمى كېلىش ئالدىدا، ئونسۇ ناھىيەسى ساياھەت بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن ناھىيە تەۋەسىدىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ۋە سەھرا سەيلىگاھى قاتارلىق جايلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتا چوڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يېمەك-ئىچمەك، سەھىيە بىخەتەرلىكى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، مەنزىرە رايون خىزمەتچى خادىملىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساياھەتكە كەلگەن ھەر بىر ساياھەتچىنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «1-ماي» ساياھەتچىلىك ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، ئونسۇ ناھىيەسى ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىدىن: كۆكيار باشقۇرۇش رايونىغا قاراشلىق پاقىلىق كەنت مەنزىرە رايونى ۋە دۇنيا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان مىراسلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان تەڭرىتاغ ئونسۇ تومۇرچوقا باغرىغا پىيادە بېرىش، دالاغا چېدىر تىكىپ قونۇش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، گاز شارىغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش قاتارلىقلارنى يولغا قويغان بولۇپ. ساياھەتچىلەر چوڭ تىپلىق ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا تىزىملاتسىمۇ، شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن ياكى دالا ساياھەتچىلىك كۇلۇبىغا تىزىملىتىپ قاتناشسىمۇ بولىدىكەن. يەنە تەڭرىتاغ ئونسۇ سىرلىق چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى ئۈچ تۈرلۈك ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، 1-مايدىن 7-مايغىچە كىرىش بېلىتىدىن 15نى سېتىۋالغان ساياھەتچىگە بىر بىلەت سوۋغا قىلىدىكەن ھەمدە ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ بىر دانە شەخسى ماشىنىسىنى مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل بىلەن ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىكەن؛ 4-مايدىن 5-مايغىچە تەڭرىتاغ ئونسۇ سىرلىق چوڭ جىلغىسىدا ئىسسىق گاز شارىغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلسا، ئەسلىدىكى بىر ئادەم 180 يۈەنلىك باھانى ئېتىبار قىلىپ 100 يۈەنگە چۈشۈرۈدىكەن؛ قولىدا 2015-يىللىق «شىنجاڭنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى تاماشا قىلىمەن» شىنجاڭنىڭ ساياھەت يىللىق بېلىتى بارلار قوشۇمچە بېلىتىگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن، قولىدا «شىنجاڭ ھەممىباب ساياھەت كارتىسى» بارلارغىمۇ بېلەت كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر