باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۇقىرى ئېقىملىق ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى «ئەمەلىيەت-13» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

2017.04.13 15:37   مەنبە: خەلق تورى

ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۇقىرى ئېقىملىق ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى «ئەمەلىيەت-13» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال سائەت 19 دىن 04 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىزنىڭ شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئەمەلىيەت-13» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ «ئۇزۇن سەپەر-3» ناملىق B تىپلىق توشۇغۇچى راكىتادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى يۇقىرى ئېقىملىق ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ تېخنىكا تەجرىبىسى ۋە ئۈلگىسىدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىرلەشتۈرگەن تىپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالاقە سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەسىپ ھالقىما تەرەققىياتىدا مۇھىم ئابىدىلىك ئەھميىتىگە ئىگە.

  «ئەمەلىيەت-13» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ «شەرق قىزاردى-3» ناملىق B سۇپىسىدىن تولۇق سەپلەنگەن تۇنجى يۇلتۇز بولۇپ، لايىھەلىنىش ئۆمرى 15 يىل. سۈنئىي ھەمراھ ئېلېكتر ئىتتىرىش، Ka خەۋەرلىشىش يۈكى، يۇقىرى ئوربىتىلىق لازېرلىق ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىنىڭ ھالقىما تەرەققياتىنى چەكلەيدىغان بىر قاتار ھالقىلىق تېخنكىلارنى بۆسۈپ، ئوربىتىدا «شەرق قىزاردى-3» ناملىق B سۇپىنىڭ ئىقتىدارى ۋە خۇسۇسىيەت كۆرسەتكۈچىنى باھالاشنى، ئېلىمىزنىڭ كەڭ بەلباغلىق كۆپ ۋاسىتىلىق سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە سىستېمىسىنىڭ كەسپىي تەجرىبىسىنى ئىشلەش، سۈنئىي ھەمراھ، يەر يۈزى قوش يۆنىلىشلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك لازېرلىق ئالاقە تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى 
    ·پەن تەتقىقات يۇرتى ۋە پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار…
    ·4- ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى كەسپى ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇغۇچى…
    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…
    ·2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ