باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مالايشىيادا زىيارەتتە بولدى

2017.04.14 14:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى 11- ئاپرېلدىن 13- ئاپرېلغىچە مالايشىيادا زىيارەتتە بولدى، شۇ جايدىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە جۇڭگونىڭ مىللەتلەر دىن سىياسىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشتۇرغان.11- ئاپرېل، ۋەكىللەر ئۆمىكى مالايشىيا ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ نەچچە مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملىرىغا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىتىنى تونۇشتۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىرىگە ۋە ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىگە قارىتا نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان قىسمەن خاتا چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  12- ئاپرېلدىن 13- ئاپرېلغىچە، ۋەكىللەر ئۆمىكى مالايشىيانىڭ ئاساسلىق خەنزۇچە تاراتقۇلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە مالايشىيادىكى جۇڭگولۇقلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باش ئىشتابى ۋە مالاككا ئىشتات ھۆكۈمىتىنى زىيارەت قىلىپ، مالايشىيا ۋە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە بۇ ھەقتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دولقۇن توختى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ بىلەن مالايشىيا ھەممىسى كۆپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت، ئىككى تەرەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، كىيىم-كېچەك، مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقى بولۇپلاقالماستىن، يەنە دىنىي ۋە كۆپ مىللەتلىك باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ بار قىلىدىغان جايلىرى كۆپ.

  مالايشىيادىكى سەپىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە برۇنېينى زىيارەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر